?مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى…

?مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: مۇسۇلمانغا يەتكەن كېسەللىك، غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىق، بالا-مۇسىيبەت، قاتتىقچىلىق، قورقۇنچ، ئاچلىق، ھەتتا پۇتىغا تېكەن كېرىپ ئەزىيەت تارتسىمۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن كاپارەت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

فوائد الحديث

ئاللاھ تائالانىڭ مۇئ‍مىن بەندىلىرىگە بولغان پەزلى، رەھمىتى، ئۇلارغا يەتكەن ئازغىنە زەرەر بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

مۇسۇلمان ئۆزىگە يەتكەن ھەرقانداق ئەزىيەتتىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىشى كېرەك، دەرىجىسى ۋە مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ۋە خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن چوڭ-كېچىك ھەرقانداق ئەزىيەتكە سەبرى قىلىشى لازىم.

التصنيفات

تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى, تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى