إعدادات العرض
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ
ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ
ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك سىلەرگىمۇ رىزىق بىرەتتى، قۇشلار ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ، كەچتە توق قايتىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili فارسی தமிழ் සිංහල မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands ไทย دری Fulfulde Magyar ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Malagasy тоҷикӣ Oromoo Wolof Soomaali Български Українська Tagalog Azərbaycan ქართული bm Македонскиالشرح
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىمىزدىكى پايدىغا ئىگە بولۇش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا ئاللاھ تائالاغا تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەقىقى ئاتا قىلغۇچى، چەكلىگۈچى ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى پەقەت ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالاغا سەمىيمى تايىنىش بىلەن پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىياندىن ساقلىنىشتا كېرەكلىك بولغان سەۋەپلەرنى قىلىمىز، بىز شۇ سەۋەپلەرنى قىلغاندا ئاللاھ تائالا بىزگە خۇددى ئەتتىگەندە ئاچ چېقىپ كېتىپ كەچتە قورسىقى توق قايتىپ كەلگەن قۇشلارغا رىزىق بەرگەندەك بىزلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ، قۇشلارنىڭ ئەتتىگەندە چېقىپ كەچتە قايتىپ كېلىشى ھورۇنلۇق قىلماستىن ۋە تايىنىۋالماستىن رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىر تۈرىدۇر.فوائد الحديث
تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ھەقىقەتەن ئۇ رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
تەۋەككۇل سەۋەپنى قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقى تەۋەككۇل ئەتتىگەندە ۋە كەچتە چېقىپ رىزىق تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
شەرىئەت قەلب ئەمەللىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، چۈنكى تەۋەككۇل دېگەن قەلبنىڭ ئەمىلىدۇر.
سەۋەبكىلا تاينىۋېلىش دىندىكى كەمچىللىك، سەۋەپنى قىلماسلىق بولسا ئەقىلدىكى كەمچىللىك.
التصنيفات
قەلىب ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى