كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ

كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ

جۇندۇب بىن ئابدۇللاھ قەسرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆزىنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە سۆرەپ تاشلىنىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى، قوغدىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدا بولىدىغانلىقى، ئۇ كىشىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى بامدات نامازنى ئادا قىلماسلىق ياكى ناماز ئادا قىلغۇچىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن بۇ ۋەدىنى بۇزسا ياكى بىكار قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، خوشنىدارچىلىقنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولدى، چەكتىن ئىشىپ ئاللاھنىڭ ھەققىدىكى بىر نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا ھەقلىق بولدى، كىمكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىكەن تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.

فوائد الحديث

بامدات نامىزىنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.

بامدات نامىزى ئادا قىلغان كىشىگە يامانلىق قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلغان كىشىلەردىن ئىنتىقام ئالىدۇ.

التصنيفات

نامازنىڭ پەزىلىتى