ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ

سەئد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەقۋادار، قانائەتچان، كەمتەر بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەزى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىدىغان ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار كىشى. ئېھتىياجىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تىلىمەيدىغان، كىشىلەردىن بىھاجەت قانائەتچان بەندىسىنى ياقتۇرىدۇ. كەمتەر، رەببىگە ئىبادەت قىلىدىغان، پايدىلىق ئىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ياكى ماختاپ -ئالقىشلىشىنى ئىستىمەيدىغان كىشىنى ياقتۇرىدۇ.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىستە: تەقۋادارلىق، كەمتەرلىك ۋە ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغىنىغا رازى بولىدىغان قانائەتچانلىقتىن ئىبارەت بەندە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياقتۇرىشىنى تەقەززا قىلىدىغان بەزى سۈپەتلەر بايان قىلىنغان.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار