سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار

سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنتايىن گۈزەل ۋە بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلار سادىر بولمايتتى، ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەتمۇ قىلمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەخلاقىڭلار ئەڭ گۈزەل، ياخشىلىقنى كۆپ قىلغۇچى، ئوچۇق چېراي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىدىغان ۋە كىشىلەر بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىڭلاردۇر».

فوائد الحديث

مۇئ‍مىن كىشى سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت ياخشى ئەمەل ۋە ئېسىل سۆزلەرنىڭ سادىر بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەمالى ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

گۈزەل ئەخلاق دېگەن مۇسابىقە قىلىشىدىغان مەيداندۇر، كىمكى بۇ مەيداندىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چېقىدىكەن، ئۇ كىشى مۇئ‍مىنلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئىمانى مۇكەممەل بولغىنىدۇر.

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار