إعدادات العرض
كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ
كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी বাংলা Español Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Wolof Soomaali Moore Українська Български Tagalog Azərbaycan ქართული тоҷикӣ bm Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.فوائد الحديث
بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ئىككى ئايەت بولسا :«آمن الرسول...» دېن سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرى كېچىدە ئۇنى ئوقۇغان كىشىدىن شەيتاننىڭ يامانلىق ۋە ناچارلىقىدىن قوغدايدۇ.
كېچە كۈن ئولتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ، تاڭ يورۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.