ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە…

ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىماننىڭ نۇرغۇن شاخچا ۋە كۆپ خىسلەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەللەرنى، سۆزلەرنى ۋە ئېتىقادلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى :«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر» ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىبادەتلەرگە ھەقلىق بولغان يەككە-يىگانە بىر ئىلاھتۇر. ئىماننىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر پارچىسىى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ھايا دېگەن ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا ۋە قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

فوائد الحديث

ئىماننىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولۇپ بەزىسى بەزىسىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.

ئىمان دېگەن؛ سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: ئاللاھ چەكلىگەن ئىشىدا سېنى كۆرمەسلىك ۋە بۇيرىغان ئىشىدا سېنى يوقۇتۇپ قويماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

ساننى زىكىر قىلىش ئۇنىڭدىلا توختاشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ئىماننىڭ دائىرىسىگە كېرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەرەپلەر بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ساننى زىكىر قىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنىنى رەت قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.

التصنيفات

ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى