ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە…

ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى سۆزلەپ بىرەي، ئۇ ھەدىسنى سىلەرگە مەندىن باشقا ھېچ كىم سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىق ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن شەرئى ئىلىملەرنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دېدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە: جاھىللىق ۋە نادانلىق تارقىلىپ ئەتراپنى قاپلايدۇ، زىنا-پاھىشە ئەۋىج ئالىدۇ، ھاراق ئېچىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، ئەرلەرنىڭ سانى ئازلاپ ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيدۇ، ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىش، ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىر ئەرگە يۈكلىنىدۇ.

فوائد الحديث

قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىشنى ئۆزىگە خاسلاستۇرغان غەيبى ئىلىملەردىن ئىبارەتتۇر.

ئۆلىمالارنىڭ ۋاپات بولۇشىدىن ئىلگىرى ئۇلاردىن شەرئى ئىلىملەرنى ئۈگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

التصنيفات

بەرزەخ ھاياتى-ئۆلگەن ۋاقىتتىن تارتىپ قايتا تىرىلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىق, ئىلىمنىڭ پەزىلىتى