? كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن

? كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق كىشى سۆزدىن ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ئۇزىنىڭ نامىدىن قەستەن يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى دوزاخ بولىدىغانلىقى، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ يالغاننى سۆزلىگەنلىكىنىڭ جازاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

فوائد الحديث

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدىن قەستەن يالغان سۆزلەش بولسا دوزاخقا كېرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىدىن يالغان سۆزلەش دېگەن باشقا ئىنسانلار نامىدىن يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىن دۇنيا-ئاخىرەتلىك زور بۇزۇقچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدىغان ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ياكى زەئىپ تەرەپلىرىنى تەكشۈرمەستىن، تەكىتلىمەستىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا تارقىتىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك.

التصنيفات

ھەدىسنىڭ ئەھمىيتى ۋە نوپۇزى(ئورنى), ناچار ئەخلاقلار