إعدادات العرض
ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش
ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش
جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىمنى ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش ۋە پەخىر قىلىش، نادانلارغا ئۆزىنى كۆرسۈتۈش ۋە سورۇنغا باش بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۈگەنمەڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە دوزاخ لايىقتۇر».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Kurdî Wolof Moore Soomaali Français Oromoo Azərbaycan Tagalog Українська தமிழ் bm Deutsch ქართული Português Македонски Magyar Lingala Русский 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا پەخىر قىلىش، ئۆلىمالار بىلەن بەسلىشىش، ئۆزىنى مەنمۇ سىلەردەك ئالىم دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى نادانلارغا، ئەقىلسىزلەرگە خىتاب قىلىش، ئۇلارنى ئۆزىگە كۆرسىتىش ياكى سورۇنغا باش بولۇپ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى مەقسەت قىلىش مەقسىدىدە ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ رىيا قىلغانلىقى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى دوزاخقا لايىق بولىدۇ.فوائد الحديث
ئىلىمنى ئىلىم بىلەن پەخىر قىلىش، مۇنازىرە قىلىش، سورۇننىڭ بېشىدا ئولتۇرۇش قاتارلىق توغرا بولمىغان مەقسەت بىلەن ئۈگەنگەن كىشىگە دوزاخ ئازابى ۋەدە قىلىندى.
ئىلىم ئۈگىنىدىغان ۋە ئۈگۈتىدىغان كىشىنىڭ نىيىتىنىڭ خالىس بولۇشىنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ.
نىيەت ئەمەلنىڭ ئاساسىدۇر، جازا-مۇكاپات نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ.