إعدادات العرض
سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟
سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خەۋەر بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش» دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بولۇپ بۇ سۆزنى دەپ بولغاندىن كېيىن تىك ئولتۇرۇپ: «يالغان سۆز قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭلار» دەپ، بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى، ھەتتا بىز: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توختىغان بولسىكەن دەپ قالدۇق».
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी বাংলা Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands ไทย دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली Malagasy Italiano ಕನ್ನಡ Oromoo Română Wolof Soomaali Српски Moore Українська Български Tagalog Azərbaycan ქართული Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بېرىپ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى زىكىر قىلدى: 1-ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش: ئۇ ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدە يېگانىلىقىغا ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر. 2-ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. 3-يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش: باشقىلارنىڭ مېلىنى ئېلىۋىلىش، ھەق-ھوقۇق، يۈز ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك باشقىلارنى چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغان يالغان ۋە ئويدۇرما سۆزلەردىن ئىبارەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يالغان، ئويدۇرما سۆزنىڭ قەبىھلىكى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى تەكرار سۆزلىدى، ھەتتا ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇ چەكلىگەن ئىشنى ئۆچ كۆرۈپ كاشكى توختىغان بولسا ئىكەن دېيىشتى.فوائد الحديث
گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شېرىكنى چوڭ گۇناھنىڭ بېشى ۋە ئەڭ كاتتىسى دەپ بېكىتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەكىتلەيدۇ: ﴿إن الله لا يَغْفِرُ أن يشرَكَ به وَيَغْفِرُ مَا دونَ ذلِكَ لِمَنْ يشَاء﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەننى كەچۈرمەيدۇ، شېرىكتىن باشقا گۇناھلارنى خالىغان كىشىدىن مەغپىرەت قىلىدۇ».
ئايەتتە ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققى بۈيۈكتۇر،
گۇناھلار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، چوڭ گۇناھ دېگەن: دۇنيادا ئازابلىنىدىغان، لەنەتكە ئۇچرايدىغان جازا بېكىتىلگەن ياكى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلارنىڭ ھاراملىق دەرىجىسى بىربىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. چوڭ گۇناھلاردىن باشقىلىرى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.