ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن نىسىۋىسىنى ئالىدۇ

ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن نىسىۋىسىنى ئالىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن نىسىۋىسىنى ئالىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئ‍مىن بەندىلىرىدىن بىر كىشىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزى، ئائىلىسى ۋە ماللىرى ئارقىلىق سىنايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مۇئ‍مىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

فوائد الحديث

شۈبھىسىزكى مۇئ‍مىن تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ.

سىناق بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىسىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن، مەرتىۋېسىنى ئالى قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

قىيىنچىلىق ۋە بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندا سەبىر قىلىش، دات-پەريات قىلىماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش.

التصنيفات

قازا ۋە قەدەر مەسىلىلىرى