?ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر

?ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر

نۇئ‍مان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشقا كېرىپ قالغان كىشى ھارامغا كېرىپ قالىدۇ، خۇددى چىگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ قويلىرى چىگرادىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چەكلەيدىغان-قوغدايدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئورۇنلىرى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ ئۇ ساغالام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، ئۇ قەلىبتىن ئىبارەتتۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، نەرسىلەر شەرىئەتتە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئېنىق ھالال، ئېنىق ھارام ۋە (ھالال-ھاراملىق جەھەتتىن ھۆكمى ئېنىق بولمىغان) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئىبارەت، بۇ ئۈچىنچىسىنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يۈز ئابرۇيىمۇ باشقىلارنىڭ بۇ كىشى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان تەنە سۆزلىرىدىن سالامەت قالىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولمىغان كىشى يا ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ياكى كىشىلەرنىڭ مالامەتلىرىگە قىلىش بىلەن ئابرۇيىدىن چۈشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئۇ كىشى گوياكى باشقىلارنىڭ توسۇپ قويغان يېرىگە يېقىن جايدا قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئ‍ۇ باشقىلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن جايدا پادا باققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىلىرى چوقۇم باشقىلارنىڭ زېمىنىغا كېرىپ كىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھارامغا يىقىن شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان بەدىنىدە (قەلىبتىن ئىبارەت) بىر پارچە گۆشنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش سالامەت بولسا بەدەننىڭمۇ سالامەت بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش بۇزۇلسا بەدەننىڭمۇ بۇزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىس ھۆكمى ئېنىق بولمىغان شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

التصنيفات

شەرئى ھۆكۈم, قەلىب ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى, نەپسىنى پاكلاش