ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن…

ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىس دەلىل-ئىسپاتسىز قىلىنغان داۋالارنى قۇبۇل قىلماسلىق، ئىنكار قىلغۇچىغا قەسەم ئىچكۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم بىر قائىدىنى بايان قىلىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئادالەتنى ياقىلاش، ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇش، مال ۋە جاننى قوغداش ئۈچۈندۇر. قانداق بىر كىشى دەلىل-ئىسپاتسىز بىر ئىشنى داۋا قىلسا مەيلى ئۇ كشىلىك ھوقۇق، ياكى ئىقتىسادى مۇئامىلە ئىشلىرى بولسۇن، ئىمان ۋە ئىلىم مەسىلىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭ داۋاسى رەت قىلىنىدۇ

التصنيفات

ئەرىز-شىكايەت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار