خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟

خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، ئۇلار: ياق، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىردىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ»دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق ۋە كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولۇپ ئۇنى يوق قىلىدىغان، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىدىغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھەر كۈندە بەش قېتىم يۇيۇنسا بەدىنىدىن بارلىق كىرلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ئۆستەڭگە ئوخشاتتى.

فوائد الحديث

بۇ پەزىلەت كېچىك گۇناھلارغا خاس بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.

بۇ ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى بارلىق شەرتلىرى، پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

نامازنىڭ پەزىلىتى