?ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ…

?ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار

ئەمرۇ بىن شۇئەيىپ ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىلارغا قىز-ئوغۇل ئەۋلادلىرىنى يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇشنى ۋە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلار ئون ياشقا يەتكەندە بۇيرۇق تېخىمۇ كۈچلەندى، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىم قىلىش، نامازنى ئادا قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ئەدەپلەش.

فوائد الحديث

بالىلار بالاغەتكە يىتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا دىنى بىلىملەرنى تەلىم بېرىش، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى نامازدۇر.

كېچىك بالىلارنى ئەدەپلەش دېگەن ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازابلاش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالەتتە ئەدەپلەش دېمەكتۇر.

ئىسلام شەرىئىتى ئىنساننىڭ ئابرۇينى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ئامىللارنى چەكلىدى.

التصنيفات

نامازنىڭ پەرىزى ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى