إعدادات العرض
ھايا ئىماندىن دېدى
ھايا ئىماندىن دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە:«ھايا ئىماندىن دېدى».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
عربي বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو অসমীয়া Shqip Svenska cs ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Kiswahili தமிழ் دری ff hu kn Кыргызча Lietuvių or ro rw Soomaali Српски uz mos नेपालीالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ، بەك كۆپ ھايا قىلىپ كەتمىگىن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ كىشىگە: ھايانىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ھايانىڭ پەقەت ياخشىلىق ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ھايا دېگەن؛ ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا، قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان خىسلەتتۇر.فوائد الحديث
سىزنى ياخشىلىقتىن چەكلەپ قويغان نەرسە ھايا بولمايدۇ، بەلكى بۇ خىجىللىق، ئاجىزلىق، قورۇنۇش ۋە قورقۇنچاقلىقتۇر.
ئاللاھدىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ.
كىشىلەردىن ھايا قىلىش بولسا، ئۇلارنى ئېھتىرام قىلىش، ھەر كىشىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇش، ئۆرپ-ئادەتتە قەبىھ كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتۇر.
التصنيفات
گۈزەل ئەخلاقلار