دۇنيا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايالدۇر

دۇنيا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايالدۇر

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايالدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ مەلۇم ۋاقىت مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇنىڭدىن كېيىن يوق بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى مەنپەئەتنىڭ؛ ئېرى قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىسا ئىتائەت قىلىدىغان، ئېرى يوق ۋاقىتتا ئۆزىنى، ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سالىھ ئايال ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

ئاللاھ تائالا دۇنيادا بەندىلىرى ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلماستىن، ھەددىدىن ئاشماستىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بايان قىلىدۇ.

توي قىلغاندا سالىھ ئايالنى تاللاشغا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى سالىھ ئايال ئېرىنىڭ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ.

دۇنيا مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە بولغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

التصنيفات

ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر