إعدادات العرض
شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى
شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى سۆزلىگىنىدىن ئۇ كىشىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكىنى ياخشى بولىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Español Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe Bosanski සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa മലയാളം తెలుగు Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া Shqip دری Ελληνικά Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Kurdî Oromoo Wolof Soomaali Français Tagalog Azərbaycan Українська bm தமிழ் Deutsch ქართული Português Македонски Magyar فارسی Русский 中文الشرح
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولۇپ، ئۇنى سۆزلىگەندىن كۆيۈپ كۈل بولۇپ كىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم تەكبىر ئېيتىپ شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سەنالار ئېيتتى.فوائد الحديث
شەيتان دائىم مۇئمىننى ئىماندىن كۇپىرغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ.
شەيتاننىڭ ئىمان ئەھلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ۋەسۋەسە قىلىشتىن باشقا ئىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇئمىندىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن يۈز ئۆرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ياخشى كۆرىدىغان ياكى ھەيران قالىدىغان، ئەجەپلىنىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە تەكبىر ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى چۈشىنەلمىگەن ھەر قانداق ئىش بولسا بىلىدىغانلاردىن سوراش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.