پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى…

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى

ئەبۇ ئابدۇراھمان سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى.

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە، ئۇلار مۇشۇ ئون ئايەتتىكى ئىلىمنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىگىچە باشقا ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتى، ئۇلار ئىلىمنى ئەمەل بىلەن بىرگە ئۈگۈنەتتى.

فوائد الحديث

ساھابىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئان ئۈگۈنۈشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمنى ئۈگۈنۈش دېگەن: ئۇنى ئوقۇپ ياد قىلىش بىلەنلا بولمايدۇ بەلكى ئۇنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بىر نەرسىنى سۆزلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى بىلىش كېرەك.

التصنيفات

تەجۋىد ئىلمى, قۇرئان كىرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ياد قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى, ئىلىمنىڭ پەزىلىتى