ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن

ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن» تاغىسى: قۇرەيشنىڭ مېنى ئەيىپلىشىدىن قورۇقمىسام دەيتتىم، ئۇلار: ئەبۇ تالىپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ دېدى دېمەيدىغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىلاتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:«إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ» تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتتا ياتقاندا ئۇنىڭدىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگەن سۆزنى دېسە، بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان ئېدى، تاغىسى ئەبۇ تالىپ قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزىنى تىللىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەبۇ تالىپ ئاجىزلىشىپ، ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئىمان ئېيتتى دېيىشىدىن قورقۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىشتىن باش تارتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: شۇ ئىش بولمىسا ۋە شۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەم شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش ئارقىلىق سېنىڭ كۆڭلۈڭگە خۇرسەنلىك كېرگۈزەتتىم، سېنى رازى بولىدىغان ئارزۇيىڭغا يەتكۈزەتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشقا ئېگە بولالمايدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئايەت نازىل قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش، ھەقكە يېتەكلەش، ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

فوائد الحديث

كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن ئەنسىرەپ- قورقۇپ ھەق تەرك قىلىنمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىشقا ئەمەس بەلكى توغرا يولغا باشلاش ۋە يېتەكلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى.

بۇ ھەدىستە كېسەل بولغان كاپىرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يوقلاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشقا ھېرەسمەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

التصنيفات

تەقدىرگە ئىشىنىش, ئىسلام, تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى