إعدادات العرض
ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن
ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن
مىقدام بىن مەدىي كەرۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسۇن».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]
الترجمة
ar bn bs en es fa fr id ru tl tr ur zh hi vi ku ha pt ml te sw my de ja ps as sq sv cs gu yo nl si ta prs ak az bg ff hu kn ky lt ne or ro rw tg uz mos wo om sr so bm uk rn km ka mk el am mgالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئۆز ئارا مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسىمۇ؛ ئىنسان بىر دىنى قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.فوائد الحديث
دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.
ئارىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە يېقىنلىق زىيادە بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۆزىنىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئىمانى قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈپ ۋە پارچىلىنىپ كېتىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن مۆمىنلەر ئۆز-ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.