مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى…

مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك

جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك، دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتماقچى بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوست تۇتاتتىم. دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى. دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بايان قىلىپ ياخشى كۆرۈشتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېرىشكەندەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا دوستى بولۇشنى رەت قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى، ئۇلۇغلىقى ۋە ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ سۆيگۈسى سىغمايدۇ. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا دوستى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دوستى بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ھەددىدىن ئېشىپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، خۇددى يەھۇدىي-ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ، ئاللاھنى قويۇپ قەبرە ساھىبىغا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قاتۇرۇپ قەبرىستانلىقنى مەسچىت ۋە مەئ‍بەد قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت شېرىك ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىشتىن چەكلىدى.

فوائد الحديث

ئەبۇبەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ساھابىلارنىڭ ئەۋزىلى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىز باسار بولۇشتا كىشىلەرنىڭ ئارىسدا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

قەبرىستانلىققا مەسچىت ياساش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىدىندۇر.

قەبرىستانلىقنى، ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئادا قىلىدىغان ئىبادەت ئورنى قىلىۋېلىشتىن، ئۇ يەرگە مەسچىت ياساش ياكى گۈمبەز ياساشتىن چەكلەش بولسا، شېرىككە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.

سالىھ كىشىلەر توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ كېتىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان ئىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن بۇرۇن بۇنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش, ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)