ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن

ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن

سەئىيد بىن مۇسەييىب ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئېدى، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەنى كۆردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتىشنى تەكرارلىدى، ئەبۇ جەھىل بىلەن ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييەمۇ:" ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن" دېگەن سۆزىنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن سۆزنى دېگىلى ئۇنىمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن چەكلەنمىسەم سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىدى:﴿‏مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ﴾‏ تەرجىمىسى:«پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىپ توغىرسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ﴿‏إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ﴾‏ تەرجىمىسى:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە يېنىغا كېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەي تاغا! ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگىن، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇ سۆزنى سېنىڭ ئۈچۈن دەلىل قىلىمەن»دېدى، ئەبۇ جەھىل ۋە ئابدۇللاھ بىن ئەبى ئۇمەييە ئۇنىڭغا: ئەي ئەبۇ تالىپ! ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن دېدى، ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنى بۇتقا چوقۇنۇش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئېدى. ئەبۇ تالىپ ئاخىرىدا: مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ دىنىدا دېگەن سۆزنى دەپ ۋاپات بولدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا:«رەببىم مېنى چەكلىمىسىلا، سەن ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىمەن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113-ئايەت]. ئەبۇ تالىپ توغرىسىدا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ»[سۈرە قەسەس 56-ئايەت]. ھەقىقەتەن سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭنى ھىدايەتكە باشلىيالمايسەن، سېنىڭ ۋەزىپەڭ يەتكۈزۈش، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ.

فوائد الحديث

مۇشرىكلار بىلەن قانچىلىك يېقىن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت بولسۇن، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ياخشىلىقى قانچىلىك بولسۇن ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ھارام قىلىندى.

توغرا بولمىغان، باتىل ئىشلاردا ئاتا-ئەجدادلارغا ۋە چوڭلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش جاھىلىيەت قىلمىشىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا بەك ھېرىسمەنلىكى، ئۇلارغا بەك كۆيۈنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئەبۇ تالىپ مۇسۇلمان بولغان دېگەنلەرگە رەددىيە.

ئەمەللەر تۈگەنچىسى بىلەن بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقىلارنى پايدا يەتكۈزۈش ياكى زىياننى يوق قىلىشقا ئالاقىدار قىلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

كىمىكى بىلىپ، ئىشەنچ بىلەن ئېتىقاد قىلىپ «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق»دېسە ئىسلامغا كېرىدۇ.

ناچار دوست، يامان ھەمراھلار ئىنسانغا زىيانلىقتۇر.

«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بۇتقا، ئەۋلىيالارغا ۋە ياخشى كىشىلەرگە چوقۇنۇشنى تەرك قىلىش، ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، ھەقىقەتەن مۇشرىكلار بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەتتى.

مۇسۇلمان بولىشى ئۈمىت قىلىنغان مۇشرىك كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش دۇرۇس بولىدۇ.

ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىش ھېچ شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىدايەتنى بىلدۈرىدۇ، يېتەكلەيدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ.

التصنيفات

قۇرئان كىرىمنىڭ تەپسىرى, ئاللاھ تەرەپكە دەۋەت قىلىش