إعدادات العرض
كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن…
كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ
زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල አማርኛ অসমীয়া Tiếng Việt ગુજરાતી Nederlands پښتو नेपाली ไทย മലയാളം Svenska Кыргызча Română Malagasy ಕನ್ನಡ Српски తెలుగు ქართული Mooreالشرح
ئىنسان ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى ئات-ئۇلاغ، يۈك-تاقا ۋە قورال-ياراق بىلەن جابدۇپ قويسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ياخشىلىققا ياردەم بەردى. ئەگەر مۇجاھىد ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنى چاقىرىپ: ئائىلەمدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ قويساڭ دېگەن بولسا، مۇجاھىتنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ياردەم بەردى. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن: ھەر قانداق كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتا باشقا كىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇ كىشىگىمۇ ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. دىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ سېتىۋېلىش ياكى تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بېرىش، ئۇلارغا نەپىقە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى