إعدادات العرض
كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ…
كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]
الترجمة
ar bn bs en es fa fr id ru tl tr ur zh hi ku ha pt ml te sw ta my de ja ps vi as sq sv cs gu yo nl si prs ff hu it kn ky lt or ro rw sr tg uz mos ne om wo so bg uk az bm ka mk el ak km am mgالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزدارغا مۆھلەت بەرگەن ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتكەن كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى توغرىسىدا: ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قۇياش ئىنسانلارنىڭ بېشىغا يىقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھارارىتى كۈچلۈك بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. بۇ كۈندە ئاللاھ سايىداتقان كىشىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر كىشى سايىدايدىغان بىر سايە تاپالمايدۇ.فوائد الحديث
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىشنىڭ پەزىلىتى بولسا، ھەقىقەتەن بۇ قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
التصنيفات
ئاخىرەت ھاياتى