?ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق…

?ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇلار يۇقارقى ئىشلارنى قىلسا، مەندىن جانلىرى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىسلامنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان ھەقلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھنىڭ ئۈستىگىدۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، مۇشۇ شاھادەت كەلىمىسى تەقەززا قىلىدىغان بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغانغا، مېلىغا پەرز قىلىنغان زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ئادا قىلسا، ئىسلام ئۇلارنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئىسلامى ھۆكۈمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلسا ئۇ ۋاقىتتا ئۆلتۈرىلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىشقا ئاللاھ تائالا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر.

فوائد الحديث

دۇنيادا شەرئىي ھۆكۈم ئىشنىڭ كۆرۈنىشىگە كۆرە بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن-سىرلىرىگە قەدەر بىلىدۇ.

دەۋەتتە تۇنجى بولۇپ تەۋھىد بىلەن باشلىنىشى بولسا، تەۋھىدنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەدىستىن مۇشرىكلارنى ئىسلامغا كېرىشكە مەجبۇرلاش كېرەكلىكى مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئىسلامغا كېرىش ياكى يىللىق جىزىيە تۆلەش ئىخىتيارلىقىدا بولىدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىماي، ئىسلام دەۋىتىنى چەكلەيدىكەن ئىسلام ھۆكمىنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش كېرەك بولىدۇ.

التصنيفات

ئىسلام