?ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ

?ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئۇچراشقاندا " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ" دەپ سالام بېرىشنىڭ ئەدەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىك چوڭغا، ئۇلاغلىق پىيادە ماڭغۇچىغا، ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام بېرىدۇ.

فوائد الحديث

ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىنچە سالام بېرىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسى بولۇپ قالسا، پىيادە يۈرگۈچى ئۇلاغلىق كىشىگە سالام بەرسە، ئولتۇرغان كىشى كېتىۋاتقان كىشىگە سالام بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بولىشى ئەۋزەلدۇر.

ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىنچە سالامنى ئاشكارا قىلىش بولسا، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدندۇر.

ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆلچەمدە ھەممەيلەن تەڭ باراۋەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالامنى تۇنجى باشلىغىنىدۇر.

شەرىئەتتە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ بايان قىلىنىشى بولسا، ئسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر.

سالامنىڭ ئەدەپلىرىنى بىلدۈرۈش ۋە ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىش.

التصنيفات

سالام بېرىش ۋە ئىزنە سوراشنىڭ ئەخلاقى