?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى

?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى

شەدداد بىن ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دېگەن سۆزىدىن مۇنۇ ئىككى سۆزنى ئېسىمدە تۇتىۋالدىم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى، سىلەر ئۆلتۈرۈشكە ھەقلىق بولغان ئىنسانلارنى (قىساستا ياكى ئۇرۇشتا) قىينىماي ئۆلتۈرۈڭلار، مال بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار پېچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن ۋە بوغۇزلىغان مالنى راھەتلەندۈرسۇن».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىزگە ھەممە نەرسىگە ياخشىلىق (ئېھسان) قىلىشنى ۋاجىپ قىلدى، ئېھسان دېگەن: ئىبادەتتە، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتا، ھەر قانداق جانلىققا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن قول يىغىشتا دائىم ئاللاھ تائالانىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقتۇر، ئۇلاغ ئۆلتۈرۈش ۋە مال بوغۇزلاشتا ئۇلاغنى قىينىماي زەبىھ قىلىشمۇ ئېھساننىڭ جۈملىسىدىندۇر. قىساس ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ۋاقىتتا ئېھسان قىلىش دېگەن: ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جېنىنى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ يەڭگىل بولغان يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تاللاشتۇر. مال بوغۇزلىغاندا ئېھسان قىلىش دېگەن: مال بوغۇزلايدىغان پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ بوغۇزلىغان ھايۋانلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پىچاقلارنى بىلىمەسلىك، باشقا ئۇلاغلار قاراپ تۇرسا كۆز ئالدىدا يەنە بىرىنى بوغۇزلىماسلىق قاتارلىقلار.

فوائد الحديث

ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان رەھمىتى ۋە كۆيۈنىشى.

ئۆلتۈرىدىغان ۋە بوغۇزلايدىغان ھايۋانلارغا ئېھسان قىلىش شەرئى يولغا ئاساسەن بولىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئومۇمى ۋە ھەممە ياخشىلىقنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلتۈرىدىغان ھايۋانلارغا رەھىم-شەپىقەت قىلىش.

ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇپ، قۇلىقىنى ۋە بۇرنىنى كېسىدىغان ئىشلاردىن چەكلەش.

ھايۋانلارنى ئازابلايدىغان ھەر قانداق ئىش ھارامدۇر.

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقى