إعدادات العرض
ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا…
ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مېنىشىگە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ. ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان بەدىنىدىكى ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرىشى لازىم.ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم قىلشى سەدىقە بولىدۇ.بىر كىشىنىڭ ئۇلۇغىغا مىنىشكە ياردەم بىرشى ياكى ئۇلاغ ئۈستىدىكى كىشىگە نەرسىسىنى سۇنۇپ بىرىشى قاتارلىقلارمۇ سەدىقە بولىدۇ.ياخشى سۆز سەدىقە بولىدۇ.ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭغان ھەر بىر قەدەم سەدىقىدۇر.يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش سەدىقىدۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල دری অসমীয়া Tiếng Việt አማርኛ Svenska ไทย Yorùbá Кыргызча Kiswahili ગુજરાતી नेपाली Română മലയാളം Nederlands Oromoo తెలుగు پښتو Soomaali Malagasy Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Српски Moore ქართულიالشرح
ھەر بىر ئۈگىنىڭ شۈكرانىسى ئۈچۈن كۈندە سەدىقە قىلىپ تۇرۇش لازىم. ئۈگىلەرنىڭ سانى 360 «ئۈچيۈز ئاتمىش» دۇر، رەسۇلۇللاھ شۇنىڭدىن كېيىن سەدىقە ھىسابلىنىدىغان ئىشلارنى مىسال ئالدى. ئۇ ئىشلار ھەركەت ۋە سۆز ئارقىلىق، چەكلىك ۋە چەكسىز يەنى كىشىلەرگە يىتىدىغان مەنپەئەت چەكلىك ۋە چەكسىز بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغىنى پەقەت بىر مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىنغاندۇر. ئىككى كىشى ئارىسىدا ئادىل بولۇش دېگەنلىك ھۆكۈم قىلغاندا ۋە ئىسلاھ قىلغاندا بارلىققا كىلىدۇ. ئۇ سۆز ئارقىلىق باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. بىر كىشىگە ئۇلۇقىغا مېنىشتە ياردەم بىرىش ياكى يۈك-تاقىسىنى سۇنۇپ بېرىش دېگەنلىك، ھەركەت ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر. ياخشى سۆزگە زىكىر-تەسبىھ، دۇئا ۋە قىرائەت، تەلىم-تەربىيە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇ چەكلىك چەكسىز سۆز بىلەن بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ مەسچىتكە ماڭغان قەدىمى ئۆزىگە قىلغان سەدىقە بولىدۇ. بۇ چەكلىك ئىش-ھەركەت. يولدىن كىشىلەرگە ئازار يىتىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش يەنى تىكەن، تاش، ئەينەك پارچىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ چەكسىز ئىش-ھەركەتالتصنيفات
ئىسلامنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە گۈزەللىكى