ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىيزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار

ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىيزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئېيتىشتا تىلغا يەڭگىل، مىيزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا) دا ئېغىر، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم)تەرجىمىسى: ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، دېگەن سۆزلەردۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان ھەرقانداق ھالەتتە جاپا تارتماستىن دىيەلەيدىغان ئىككى كەلىمىدىن خەۋەر بىرىپ، بۇنىڭ ساۋابىنىڭ مىيزاندا ئېغىر كىلىدىغانلىقى، بۇ ئىككى سۆزنى رەببىمىز ئاللاھ تائالا بەكلا ياخشى كۆرىدۇ: «سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم»بۇ ئىككى سۆز ئاللاھ تائالانى مۇكەممەللىك ۋە كاتتىلىق بىلەن سۈپەتلەش، بارلىق كەمچىللىكتىن پاكلاشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

فوائد الحديث

زىكىرنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالانى پاكلاش بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان زىكىردۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ئاز ئەمەلگە كۆپ ساۋاپ بىرىشى، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

التصنيفات

مۇتلەق زىكىرلەر