إعدادات العرض
كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ
كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский اردو 中文 हिन्दी বাংলা Español Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Türkçe دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Soomaali Moore Українська Български Tagalog Wolof Azərbaycan ქართული тоҷикӣ bm Oromoo Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.فوائد الحديث
رەمبال-پالچىلىق قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىغا ئاساسەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ قاتارىغا: ئالقانغا قاراپ بىر نەرسە ئوقۇش، پىيالە ياكى ئاپتۇۋا چۆگۈلتىش، ئاسمان ئوربىتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. (گەرچە ئۇنى بىلىپ بىقىشنى مەقسەت قىلسىمۇ) چۈنكى شۇنىڭ ھەممىسى رەمبال-پالچىلىق ۋە غەيىپنى بىلىمەن دېگەننى دەۋا قىلىشتۇر.
ئەگەر رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بارغاننىڭ جازاسى بۇنداق ئېغىر بولسا، ئۇنى قىلغۇچىنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!!.
قىرىق كۈنلۈك نامىزى ئادا بولىدۇ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئۇ نامازلارغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.
التصنيفات
ئىسىملەر ۋە ھۆكۈملەر