كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ

كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاستۇرنومىيە ئىلمىنى ئۈگەنسە، ئوربېتلارنى كۈزىتىش، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى، كېرىش-چېقىشلىرىنى زېمىندا يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەر يەنى پالانىنىڭ ئۆلىمى ياكى ھاياتى ياكى كېسەل بولىشى دېگەندەك كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا دەلىل قىلسا، سېھردىن مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە ئۈگەنگەن بولدى، بۇ ئىلىمنى قانچە كۆپ ئۈگەنگەنسىرى سېھرىدىنمۇ شۇنچە كۆپ ئۈگەنگەن بولىدۇ.

فوائد الحديث

يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالىغا تايىنىپ كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىش بولسا چەكلەنگەن ئاستۇرنومىيە ئىلمى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ غەيىپنى بىلىمەن دېگەنلىكتۇر.

ھارام بولغان ئاستۇرنومىيە ئىلمى بولسا، تەۋھىدكە زىت بولغان سېھرىنىڭ تۈرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەمما يۆلىنىش، تەرەپلەرنى ياكى قىبلە تەرەپنى بىلىش ياكى ئىبادەت مەۋسۇملىرى، ئايلارنىڭ كىرگەنلىك ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن يۇلتۇزلارغا قاراپ پايدىلىنىش توغرا بولىدۇ.

ئاستۇرنومىيە ئىلمىنى كۆپ ئۈگەنگەنسىرى سېھرىدىن بولغان ئىلىمنى كۆپ ئۈگەنگەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يۇلتۇزنىڭ ئۈچ تۈرلۈك پايدىسىنى زىكىر قىلغان: ئاسمانلار ئۈچۈن زىننەت، تەرەپلەرنى بېكىتىش ۋە يول تىپىشنىڭ بەلگىسى، گەپ ئوغرىسى شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان ئوقتۇر.

التصنيفات

ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللار