إعدادات العرض
مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام
مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر ئىش قىلمىساممۇ جەننەتكە كېرىمەنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دېدى.
الترجمة
العربية Kurdî English Kiswahili Español اردو Português বাংলা Bahasa Indonesia فارسی தமிழ் हिन्दी සිංහල Tiếng Việt മലയാളം Русский မြန်မာ ไทย پښتو অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands Türkçe Bosanski Hausa తెలుగు دری Ελληνικά Azərbaycan Български Fulfulde Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy or Română Kinyarwanda Српски тоҷикӣ O‘zbek नेपाली Moore Oromoo Wolof Tagalog Soomaali Français Українська bm Deutsch ქართული Македонски Magyar 中文الشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: بىر كىشى پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنىلا ئوقۇپ باشقا ئارتۇق نەپلە نامازلارنى ئوقۇمىسا، رامىزان روزىسىنىلا تۇتۇپ باشقا نەپلە روزىلارنى تۇتمىسا، ھالالنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئەمەل قىلسا، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.فوائد الحديث
مۇسۇلمان پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا، ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ۋە ئاخىرىقى غايىسى جەننەتكە كېرىش بولىشىغا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
ھالالنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنى قىلىش، ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بولسا جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.