بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە…

بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ روشەن ئىماندۇر»دېدى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلاردىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بىز كۆڭلىمىزدە بىر ئىشلارنى تاپىمىزكى، ئۇنى سۆزلەش بىزگە بەك قىيىن كىلىدۇ، دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارنى تاپتىڭلارمۇ؟»دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ روشەن ئىماندۇر»دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر: كۆڭۈللىرىدە پەيدا بولىدىغان ئەمما ئۇنىڭ ناچارلىقى ۋە نەپرەتلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىزدىن چېقىرىش قىيىن بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كۆڭلۈڭلاردا تاپقان ئ‍ۇ ئىش ئوچۇق ئىمان ۋە ئىشەنچىدۇر، ئۇ سىلەرنى شەيتاننىڭ دىلىڭلارغا سالغان، سۆزلەشنى ياقتۇرمىغان ۋە كۆڭلۇڭلاردا كاتتا تۇيۇلغان ئىشلاردىن مۇداپىئە قىلىدۇ. ھەقىقەتەن شەيتان سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا ئورۇنلىشالمىدى، بۇنىڭ ئەكسىچە شەيتان دىلىغا ئورۇنلاشقان كىشىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىدىغان نەرسە بولمايدۇ»دېدى.

فوائد الحديث

شەيتاننىڭ ئىمان ئەھلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىز كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنى ۋەسۋەسە قىلىشتىن باشقا ئىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

كۆڭلىدە يۈز بەرگەن ۋەسۋەسىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئىشەنمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ شەيتاندىندۇر.

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى مۇئ‍مىنگە زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ لېكىن ۋەسۋەسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش كېرەك.

مۇسۇلماننىڭ دىنى ئىشلاردا چۈشىنەلمىگەن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشى توغرا بولمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ سوراپ چۈشىنىشى كېرەك بولىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش, ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىشى