ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ

ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ»، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ باشقىلارغا ئەسلىتىپ ياكى نەقىل قىلىپ بولسۇن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىپ باقمىدىم دەيدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانا بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر بېرىپ، كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا پەقەت ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن بىرى قەستەن بولسۇن ياكى باشقىلاردىن نەقىل قىلپ بولسۇن ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغانلىقىنى زىكىر قىلدى.

فوائد الحديث

ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش ھارام قىلىندى. ھەدىستە ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىشنى خاسلاشتۇرۇشتىكى مەقسە، چۈنكى ئۇ ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئادىتى ئېدى.

قەسەم : مەلۇم بىر ئىشنى تەكىتلەش ئۈچۈن: ئاللاھ بىلەن ياكى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم - ئالى سۈپەتلىرى بىلەن قىلىنىدۇ.

ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇققا تىز بويسۇنىشى، مەسىلىنى دەرھال چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىدىن ئىبارەت ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىدۇ.

التصنيفات

ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش