رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى، ئەگەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرمىسا ئۇنى بىز چىرايىدىن بىلىۋالاتتۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، توي قىلمىغان قىز ئەڭ ھايالىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ توي قىلمىغانلىقتىن ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ باقمىغاچقا ئۇنى چىمىلدىقىدا نۇمۇسچان بايقايسەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمايدىغان، تەبىئىتىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە چىرايىدا تەسىرى كۆرۈلەتتى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھايالىقى