إعدادات العرض
كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Tiếng Việt नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى سۆزى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىغان، ھەق يولغا قىزىقتۇرغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلىگەن كىشىگە، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىمكى كىشىلەرنى سۆزى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق باتىلغا، يامانلىققا، گۇناھ-مەسىيەتكە، خاتالىققا ياكى ھالال بولمىغان ئىشلارغا باشلاپ قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە يامانلىققا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.فوائد الحديث
توغرا يولغا دەۋەت قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇ ياخشى ئىش، دەۋەتچى ئۈچۈن دەۋەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، سېخىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كاتتىلىقىدۇر.
ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىشنىڭ خەتىرى، ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلغۇچىغا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىدۇ.
جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىگە كۆرە بولىدۇ، ياخشىلىققا چاقىرغان كىشىگە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ، يامانلىققا چاقىرغان كىشىگە يامانلىقنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ.
مۇسۇلمان كىشى ئىنسانلارغا كۆرسۈتۈپ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ قىلىشىدىن بەك ھەزەر قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى باشقىلارنى خاتالىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمىسىمۇ، ئۆزى خاتالىقنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ.
التصنيفات
بىدئەت