كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ…

كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

كىشىلەرگە ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: ئى ئاللاھ، پۇل-مېلىنى تائەت-ئىبادەتكە ئوخشاش ياخشىلىققا، ئائىلىسىگە ۋە مېھمانلىرىغا چىقىم قىلغان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، سەن ۋاجىپ قىلغان پۇل-مال سەرىپ قىلىشدىن ئۆزىنى تارتقان بېخىلنى ۋە مېلىنى ھالاك قىلغىن، دەيدۇ

التصنيفات

نەپلە سەدىقە