إعدادات العرض
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئمىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى…
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئمىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ
بەرا ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئمىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy नेपाली Čeština Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు ไทย മലയാളം Lietuvių Српски Українська Kinyarwanda Shqip ಕನ್ನಡ Wolof Moore ქართული Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە ئەھلىدىن بولغان ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرۈش كامالىي ئىماننىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇنداق بولىشى: ئۇلارنىڭ دىنغا، ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتە ۋە مۇسۇلمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلغانلىقى، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرىنى پىدا قىلغانلىقىدىندۇر، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا، مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلدى.فوائد الحديث
بۇ ھەدىستە: ئەنسارىيلار ئۈچۈن بولغان كاتتا پەزىلەت بايان قىلىنغان، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش ئىماننىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا مۇناپىقلىقتىن ئادا-جۇدا بولۇشنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش بولسا، بەندىنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
ئىسلامغا بۇرۇن كىرگەنلەرنىڭ پەزىلىتى.