?مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە…

?مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سىزگە سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇش. ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش. ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش. تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش. بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.

فوائد الحديث

ئىسلام ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلارنى تەكىتلەش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

التصنيفات

سالام بېرىش ۋە ئىزنە سوراشنىڭ ئەخلاقى, چۈشكۈرۈش ۋە ئەسنەش ئەخلاقى, كېسەل يوقلاش ئەخلاقى