إعدادات العرض
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن
مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Kurdî Kiswahili Português தமிழ் Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Hausa پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy नेपाली Čeština Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు മലയാളം ไทย Српски Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Shqip Wolofالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، لېكىن خاتالىقنى ئاشكارا قىلغۇچى بولسا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە يۈزى قىلىنلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىقا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلماسلىقى، يۆگىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كېچىدە پالانى ئايال بىلەن ناچار ئىش قىلغانلىقىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ يوشۇرىشى، ئورىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپ، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەردىسىنى يېرتىپ تاشلايدۇ.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرغاندىن كېيىن خاتالىقىنى ئاشكارا قىلىش ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر.
خاتالىقنى ئاشكارا قىلىش بولسا، مۇئمىنلەر ئارىسىدا ناچار ئىشلارنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا دۇنيادا خاتالىقىنى يوشۇرۇپ يۆگىگەن كىشىنى ئاخىرەتتىمۇ يۆگەپ رەسۋا قىلمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىدىندۇر.
خاتالىق بىلەن سىنالغان كىشى خاتالىقىنى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن.
خاتالىقنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ بىلدۈرگەننىڭ جىنايىتى كاتتا بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرەت قىلىنىش نېسىۋېسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
التصنيفات
گۇناھ-مەسىيەتنى ئەيىپلەش