?كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

?كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە بولىدىغان قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: كىمكى قەدىر كېچىسىدە دۇئا، ناماز، قۇرئان تىلاۋېتى، زىكىر-تەسبىھ قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلسا، چىن دىلىدىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن خەۋەرلەرگە ئىشەنسە، ئەمەلدە رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن پەقەت ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

فوائد الحديث

قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش.

ياخشى ئەمەللەر پەقەت سەمىمى نىيەت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

التصنيفات

كېچىلىك ناماز, كېچىلىك ناماز, رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش, رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش