?ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى دىنى ئەھكاملارنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ

?ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى دىنى ئەھكاملارنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى دىنى ئەھكاملارنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ، ھەقىقەتەن مەن تەقسىم قىلغۇچى، ئاللاھ ئاتا قىلغۇچى، مۇشۇ ئۈممەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلغان مۇددەتچە ئۇلارغا قارشى تۇرغۇچىلار، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىگە دىننى چۈشىنىدىغان بىر ئىدراك ئاتا قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىق، ئىلىم ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ ۋە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىدۇر. ھەقىقەتتە ئاتا قىلغۇچى ئاللاھدۇر. ئەمما ئۇنىڭ غەيرىدىكى ئىشلار بولسا سەۋەپ-چارە بولۇپ، ئۇمۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئۈممەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىشنى داۋام قىلىدىكەن تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىس شەرئى ئىلىملەرنى ئۈگۈنىش ۋە ئۈگىتىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا رىغنەتلەندۈرۈشنىڭ پەزىلىتى ۋە كاتتىلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئېچىدە ھەقنى تۇرغۇزىدىغان كىشىلەرنىڭ تىپىلىدىغانلىقى، ئەگەر بىر جامائەت بۇنىڭدىن چېكىنسە ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر جامائەتنىڭ كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىنىدۇ.

دىننى چۈشىنىش ۋە دىندا ئالىم بولۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىسىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلىشىدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز ئالدىغا بىر نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە خالىشى بىلەن بېرىدۇ.

التصنيفات

ئىلىمنىڭ پەزىلىتى, ئىلىمنىڭ پەزىلىتى