إعدادات العرض
ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق…
ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी বাংলা Español Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் සිංහල မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Soomaali Moore Українська Български Tagalog Wolof Azərbaycan ქართული тоҷикӣ bm Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ كاتتا كەلىمىلەر بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى دەپ خەۋەر بەرگەن. «سۇبھانەللاھ» ئاللاھنى بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكلاش. «جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر»يەنى: ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەش. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق. ئاللاھۇ ئەكبەر يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر.فوائد الحديث
ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بولسا ئاللاھ تائالاغا زېمىندىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر.
زىكىرنى كۆپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەجىر-ساۋاپ ۋە پەزىلەتلەر باردۇر.
دۇنيا مەنپەئەتى ئېتىبارسىزدۇر، ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇشى يوق بولغۇچىدۇر.
التصنيفات
مۇتلەق زىكىرلەر