پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈم ياكى سوت ئىشلىرىدا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈم ياكى سوت ئىشلىرىدا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈم ياكى سوت ئىشلىرىدا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى، پارا ئالغۇچى ۋە ۋاستە بولغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىشى ۋە قوغلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. شۇنىڭدەك، قازى ۋە سوتچىنىڭ چېقىرىدىغان ھۆكۈمدە ئادالەتسىزلىك قىلىپ پارا بەرگۈچىنى ھەقسىز بولسىمۇ مەقسىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالغان نەرسىمۇ پارا ھېسابلىنىدۇ.

فوائد الحديث

پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش، ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلىش، بۇنىڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا باتىلغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

پاراخورلۇق چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان.

سوت، ھۆكۈم ئىشلىرىدا پاراخورلۇق قىلىشنىڭ جىنايىتى بۈيۈكتۇر، گۇناھى ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ غەيرىدە ھۆكۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقتۇر.

التصنيفات

قازىلار ئەدەپلىرى