?سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟

?سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟»دېگەن ئېدى، بىز: ھەئە دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نامىزىدا ئۈچ ئايەت ئوقۇشى ئۇ كىشى ئۈچۈن سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولغاندىن ياخشىدۇر» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئۈچ ئايەت ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئىنسان ئۆيىگە قايتقاندا سېمىز ئۈچ ھامىلدار تۆگىنى تاپقاندىنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

فوائد الحديث

نامازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ياخشى ئەمەللەر يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.

بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ئۈچ ئايەت تىلاۋەت قىلىشقا باغلىق ئەمەس، ناماز ئادا قىلغۇچى نامىزىدا ئايەتنى قانچە كۆپ ئوقۇسا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى تۆگۈلەرنىڭ سانىدىن ياخشى بولىدۇ.

التصنيفات

قۇرئان كىرىمىڭ پەزىلىتى