إعدادات العرض
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى…
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن
ئەبۇ ھۈمەيد ياكى ئەبۇ ئۇسەيد مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن».
الترجمة
العربية English မြန်မာ Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands اردو Bahasa Indonesia বাংলা Türkçe සිංහල हिन्दी Tiếng Việt Hausa Kiswahili ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча Lietuvių Kinyarwanda नेपाली മലയാളം తెలుగు Bosanski Italiano ಕನ್ನಡ Kurdî Oromoo Română Soomaali Shqip Српски Українська Wolof Tagalog Moore Malagasy தமிழ் Azərbaycan فارسی ქართული 中文 Magyar Portuguêsالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مەسچىتكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان: «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن» دېگەن دۇئانى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىگە رەھمەتنىڭ سەۋەپلىرىنى تەييارلاپ بېرىشنى سوراش، مەسچىتتىن چىققاندا: «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن»دېگەن دۇئانى ئوقۇپ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىنى، ياخشىلىقنى زىيادە قىلىپ بېرىشنى ۋە ھالالدىن رىزىق قىلىپ بېرىشنى تىلەشنى تەلىم بەردى.فوائد الحديث
بۇ دۇئالارنى مەسچىتكە كىرگەندە ۋە ئۇنىڭدىن چېققاندا ئوقۇش ياخشىدۇر.
مەسچىتكە كىرگەندە رەھمەتنى زىكىر قىلىش، چېققاندا پەزلىنى سوراشنى خاسلاشتۇرۇش بولسا، ھەقىقەتەن مەسچىتكە كىرگۈچى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپتۇر. مەسچىتتىن چىققاندا ھالال رىزىق تىپىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىپ ماڭىدۇ، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ پەزلىنى زىكىر قىلىش مۇناسىپدۇر.
بۇ زىكىرلەر مەسچىتكە كىرىشنى مەخسەت قىلغاندا ۋە مەسچىتتىن چېقىپ كېتىشنى مەخسەت قىلغاندا دېيىلىدۇ.