إعدادات العرض
تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى
تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى
ئەبى بەشىير ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى بەزى سەپەرلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ چۈشكەن جايلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ:«تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ ไทย Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල دری Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių Malagasy Română Kinyarwanda नेपाली Српски Wolof Soomaali Moore Українська Български Azərbaycanالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بەزى سەپەرلىرىدە ، كىشىلەر ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىر قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىشىلەرنى ئەۋەتىپ: «تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى ۋە ئاياغ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇنداق بولىشى: ئۇلار بۇنداق نەرسىلەرنى كۆز تەگمىسۇن دەپ تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۈزىۋېتىشكە بۇيرىدى، چۈنكى كۆز تېگىشتىن بولغان ھېچ بىر ئىشنى ئۇ نەرسىلەر قايتۇرالمايدۇ، پايدا-زىيان ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.فوائد الحديث
پايدىنى كۆزلەپ ياكى زىياننى يوق قىلىش ئۈچۈن تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ياچاق يېپى تۇمار قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ شېرىكنىڭ تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ نەرسىلەرنى ئۇلاغنىڭ بوينىغا كۆز تېگىشتىن ساقلاپ قالىدۇ دەپ ئەمەس، چېرايلىق بولسۇن دەپ ياكى ئۇلاغنى ھەيدەش ئۈچۈن ياكى بىر يەرگە باغلاش ئۈچۈن ئاسسا بولىدۇ.
مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى كۈچىنىڭ يېتىشىگە كۆرە بولىدۇ.
دىلنى ھېچ بىر شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھقا باغلاش ۋاجىپتۇر.
التصنيفات
ئاللاھنى ئىلاھلىقتا بىر دەپ ئىشىنىش