سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر

سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارغا پايدىلىق نەرسىلەرگە يىتەكلەيدۇ، بۇ يەردە بولسا نامازدا قىبلىگە تولۇق يۈزلۈنۈش ئۈچۈن سەپلەرنى رۇسلاشقا، شەيتان ئۇلارنىڭ نامىزىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، سەپ ئارىلىقىنى ئېتىشكە بۇيرىغان، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپلەرنى رۇسلاش ئارقىلىق ئېرشىدىغان بەزى پايدا-مەنپەئەتلەرنى كۆرسەتكەن. سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئەكسىچە سەپنىڭ ئەگرى بولىشى نامازدا نۇقسانلىقنىڭ بەلگىسى

التصنيفات

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر, ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر, مەسجىدلەر ھۆكمى, مەسجىدلەر ھۆكمى